تارىخ-بۈگۈن

ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  1. 03/13/2025

    شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققىچە: ئىنقىلاب ۋە شەخسلەر(2)

    ئازتېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە باھالىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرىنى مىللىتى ئۆزبېك بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا، خەلققە سادىق، دىنى ئىمانى كۈچلۈك ۋە بىلىمى زور ھەم پىداكار، ئەخلاقلىق كىشى ئىدى، ئۇنىڭ تارىخ بىلىمىمۇ يۇقىرى بولۇپ، خەلقنى قوزغاش چاقىرىقى كۈچلۈك بولغان. ئۇ سوۋېتلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ خەلقنى ئاكتىپ قوزغىغان، لېكىن كېيىن سوۋېتلار ۋەدىسىدىن يېنىپ ئۇنى تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىپ ئورۇنلاشتۇرغان دەپ قارىغان. ھەتتا 1975-يىلى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئەلىخان تۆرە بىلەن تاشكەنتتە كۆرۈشكەندە، ئەلىخان تۆرە يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلاب بولسا ئۆزىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    10 min
  2. 09/05/2024

    تارىخ-بۈگۈن | 1934-يىلى ئەيسا ئەپەندى ھەققىدە كرېملغا يوللانغان مەخپىي مەلۇمات

    سوۋېتلارنىڭ ئەيسا ئەپەندىنى خىتايدىكى سوۋېتلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ ستالىنغا مەخسۇس دوكلات شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى مەسئۇد سەبىرى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قارىغاندا بالدۇر باشلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەيسابەك ياكى ئەيسا يۈسۈپ دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەربابنىڭ 1932-يىلى نەنجىڭگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدىكى مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن موسكۋاغا مەخپىي دوكلات قىلىنغان. ئەنە شۇنداق مەخپىي دوكلاتنىڭ بىرى 1934-يىلى 19-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، يەنى ستالىننىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە دىپلوماتىيە ۋەكىلى, سوۋېت رازۋېدكا ئورگىنىغا تەۋە ئىۋان ئىۋانوۋىچ سپىلۋانېكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ب. س. ستوميانكوفقا يوللىغان خىتايدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتىدۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    12 min

About

ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

More From RFA