يورۇق ساھىللار

ئۇيغۇر تارىخىدىن ئوچېرىكلار Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  1. 03/18/2025

    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (57): بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىگە رەددىيە

    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن تارىخ دەرسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ، شۇنداقلا سولچى ۋە كوممۇنىستلارغا مايىل كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخسۇس تەۋسىيەسى بىلەن 1947-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ پايتەختى نەنجىڭگە بېرىپ، «گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى» دېگەن سالاھىيەت بىلەن مىللەتچى خىتاينىڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق سىياسىي سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇرھان شەھىدى، 1948-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ، «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، «خىزمەت كۆرسىتىش» ۋە «ساداقەت بىلدۈرۈش» نىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي تارىخ قۇرۇلۇشىغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي خوجايىنلىرىنى خوش قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  2. 02/18/2025

    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (55): تەمىرات نازىرى ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولغان يىللاردا

    1946-يىلى 6-ئايدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى ئېلان قىلىنغاندا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ھۆكۈمەت ھەيئىتى، قوشۇمچە تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە قايسى ۋەزىپىگە قويۇلۇش مەسىلىسىدە، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىلى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تەرەپلىك تالاش-تارتىش ۋە پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلىدۇ. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ئەسلىمىسىدە، ئەسلىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى، ئەمما ئىلى تەرەپ بۇ ئورۇنغا سەيپىدىن ئەزىزىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇغرانىڭ تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

About

ئۇيغۇر تارىخىدىن ئوچېرىكلار Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

More From RFA